ئابونىت تەرەپ نەشىر ھوقوقى ئەسكەرتمىسى

  مەزكور كېلىشىم سىز (شەخىس ياكى يەككە گەۋدە) بىلەن شىنجاڭ سانجى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى مەركىزى ئوتتۇرىسىدىكى ئابونىت تەرەپ يومشاق دېتالى توغىرىسىدكى قانۇنى كېلىشىم بولۇپ،يومشاق دېتال ئۇچۇر تور بېكىتىنىڭ(http://www.xjnx.cn )ئابونىتلارغا بەرگەن ۋەدىسى ۋە يۇمشاق دېتال نەشىرىنى يېڭىلاش توغىرىسىدىكى چۈشەندۈرۈشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان،تەپسىلى ئوقۇڭ.

   ئابونىت تەرەپ يۇمشاق دېتالى كومپىيوتېر يۇمشاق دېتالىدىن باشقا يەنە مۇناسىۋەتلىك مېدىيا ۋە ھەر تۈرلۈك باسما ماتېرىياللار ھەمدە ئۇلانما ئېلىكترونلۇق ھۆججەتلەرنى(تۆۋەندن قىسقارتىپ "يۇمشاق دېتال مەھسۇلاتى" ياكى "يۇمشاق دېتال" دەپ ئاتايمىز). قاچىلاش،كۆچۈرۈش ياكى باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق يۇمشاق دېتالنى ئىشلەتكەنلا بولسىڭىز، كېلىشىمدىكى ھەرقايسى شەرتلەرنى قۇبۇل قىلغانلىقىڭىزنى بىلدۈرگەن بولىسىز. ئەگەر كېلىشىمدىكى شەرتلەرنى قۇبۇل قىلمىسىڭىز مەزكور يۇمشاق دېتالنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشەلمەيسىز.

  1. مەزكور يۇمشاق دېتال جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى نەشىر ھوقۇقى قانۇنى،خەلقئارالىق نەشىر ھوقۇقى كېلىشىمى ھەمدە باشقا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى قانۇنى ۋە كېلىشىملەر تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ.ئابونىتلار ئېرىشكىنى پەقەتلا مەزكور يۇمشاق دېتالنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى.
  2. مەزكور يۇمشاق دېتالنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ سانجى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى مەركىزىگە مەنسۇپ، نەشىر ھوقۇقى قانۇنى ھەمدە باشقا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى قانۇنى ۋە كېلىشىملەر تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ
  3. مەزكور يۇمشاق دېتالنى ئىشلەتكەن ئابونىتلار ھەركۈندىكى ئەڭ يېڭى يېزائىگىلىك ئۇچۇرلىرى،ئېلېكترونلۇق ژورنال ۋە ۋىدېئولۇق دەرىسلىكلەرنى ھەقسىز چۈشۈرەلەيدۇ.
  4. تۆۋەندىكىلەرگە قەتئى يول قويۇلمايدۇ:
    • مەزكور يۇمشاق دېتال ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە نۇسخىلىرىدىكى ھەرقانداق ئۇچۇرنى ئۆچۈرىۋېتىش؛
    • مەزكور يۇمشاق دېتالنىڭ ھەرقانداق بىرقىسىمىنى سېتىپ بېرىش ياكى ئىجارىگە بېرىش؛
    • مەزكور يۇمشاق دېتالنىڭ تىزىملىتىش پروگىراممىسى ياكى يېشىۋېتىش پروگىراممىسىنى ياساش ۋە تارقىتىش؛
    • مەزكور يۇمشاق دېتالنىڭ ئەسلى كودىغا ئېرىشىشكە ئۇرۇنۇش(تەتۈر ئاسسېمبىل قىلىش،تەتۈر تەرجىمە قىلىش)؛
  5. ئەگەر سىز كېلىشىمنىڭ ھەرقانداق بىر تۈرىگە خىلاپلىق قىلسىڭىز، شىنجاڭ سانجى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى مەركىزى ھەمدە ئۇچۇر تور بېكىتى www.xjnx.cn ئابۇنىت تەرەپ مۇلازىمىتىنى دەرھال توختىتىشقا تامامەن ھوقوقلۇق،شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا مەزكور يۇمشاق دېتالنى ئىشلىتىشنى دەرھال توختىتىشىڭىز ۋە ئۇنىڭ بارىلىق قوشۇمچە نۇسخىلىرىنى ئۆچۈرىۋېتىشىڭىز كېرەك.ئەگەر مۇشۇ سەۋەپتىن مەركىزىمىزگە يامان تەسىر ياكى ئىقتىسادى زىيان كەلتۈرسىڭىز،قانۇنى جاۋاپكارلىقىڭىز سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
  6. يوقارقى تەلەپلەر ھەرقانداق كوپىيە شەكلىگە نىسبەتەن ئىناۋەتلىك.
  7. مەزكور يۇمشاق دېتالنىڭ قانۇنسىز نەشىرىنى ئىشلەتكۈچىلەر بارىلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى ئىگە.قانۇنسىز نەشىر ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ مەشغۇلات سېستىمىسىنى زىيانغا ئۇچىراتسا، شىنجاڭ سانجى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى مەركىزى ھەمدە ئۇچۇر تور بېكىتى www.xjnx.cn ھىچقانداق مەسھۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.
  8. تىزىملاتقان ئابونىتلار سېستىما نەشىرىنى يېىڭىلىغاندىن كېيىن ئەگەر نورمال تىزىملىتالمىسا،ئابونىت ئۇچۇرى ۋە بۇرۇنقى تىزىملىتىش نومۇرىنى ئېلېكترونلۇق خەت ساندۇقى xjcjscl@126.com غا يوللىسا ،يېىڭى تىزىملىتىش نومۇرىغا ھەقسىز ئېرىشەلەيدۇ،ياكى بىۋاستە تېلېفۇن0994_2529509 ئارقىلىق ئابونىتلار مۇلازىمەت مەركىزى بىلەن ئالاقىلاشسىمۇ بولىدۇ.
  9. ئەگەر كېلىشىم مەزمۇنىغا نىسبەتەن ھەرقانداق سۇئالىڭىز بولسا تېلېفۇن0994_2529509 ئارقىلىق ئابونىتلار مۇلازىمەت مەركىزى بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز ياكى ئېلېكترونلۇق خەت ساندۇقى xjcjscl@126.com غا خەت يوللىسىڭىز بولىدۇ.

  نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ سانجى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى مەركىزىگە مەنسۇپ.