| شىنجاڭ سانجى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەركىزىنىڭ قىسقىچە چۈشەندۈرۈلىشى |
كارخانا بولسا ئىقتىسادنىڭ جان تومۇرى،يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئاساسى. شىنجاڭ سانجى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەركىزى دۆلەت دەرىجىلك ئۈلگە كۆرسىتىش مەركىزى بۇلۇپ،پەن-تېخنىكا بىلەن ئىقتىساد ئۇتتۇرىسىدىكى كۆۋرۈك بۇلۇش سۈپىتى بىلەن مەزكور رايوندىكى ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش،يېڭى يېزا قۇرلۇشىنىڭ قەدىمىنى تېزلىتىش،ھەمدە دېھقانلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى يوقىرى كۆتۈرۇشتەك تارىخى ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالغان. "مەركەز"تارىخى ۋەزىپىسىنى يادىرو قىلىپ،دۆلەتلىك"ئونىنچى بەش يىللىق"پەن_تېخنىكا ئۆتكىلىنى بۆسۈپ ئۆتۈش تۈرى،"ئون بىرىنچى بەش يىللىق"پەن_ تېخنىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش تۈرى،"863"يوقۇرى يېڭى تېخنىكا تۈرى،ئۇچقۇن پىلانى قاتارلىق تۈرلەر بۇيىنچە دۆلەتنىڭ كۆپلىگەن مۇھىم پەن_تېخنىكا تەتقىقات تۈرلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىش ئارقىلىق،ئۆزىنىڭ ئاساسلىق مۇلازىمىتى ۋە تېخنىكا ئومۇملاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى يوقۇرى كۆتۈرۈپ،شىنجاڭدىكى ئوتتۇرا كىچىك كارخانا ۋە ھەر مىللەت دېھقان- چارۋىچى ئاممىسىغا قارتىا ھەر تۈرلۈك پەن-تېخنىكا ۋاستىچىلىك مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇردى. "مەركەز"يېزىلارنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش تېخنىكىسى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش تېخنىكىسىنى ئومۇنلاشتۇرۇش ۋە قوللۇنۇش،پەن-تېخنىكا مەسلىھەتى ۋە تېخنىكا ئومۇملاشتۇرۇش مۇلازىمىتى،يۇمشاق دېتال ۋە تور تېخنىكىسى،تېخنىكا مۈلۈك ھوقۇقى سودىسى ۋە ۋاستىچىلىك مۇلازىمىتى،يېڭى تېخنىكا،يېڭى تۈرلەرنى كىرگۈزۈپ ئومۇملاشتۇرۇش،ۋاستىچىلىك ۋە ۋاكالەتچىلىك،مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى قاتارلىق ئاساسلىق كەسىپلەرنى مەركەزلىك قانات يايدۇردى. "مەركەز" ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر،قۇرۇلۇش تېخنىكىسى،ئىقتىساد،يېزا-ئىگىلىك،باغۋەنچىلىك،چارۋىچىلىق، مالىيە قاتارلىق كەسىپلەردە مەخسۇس كورۇستىن يوقىرى مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە بولغان ياش ئىقتىساسلىقلار قوشۇنىغا ئىگە بۇلۇپ،تولۇق كورۇستىن يوقىرىلار ٪65 نى ئىگىلەيدۇ،تەتقىقاتچى خادىملار ٪48 نىئىگىلەيدۇ، ئوتتۇرچە يېشى 32 ياش. "مەركەز"قۇرۇلغاندىن بۇيان ،ھەر دەرىجىلىك پەن-تېخنىكا باشقۇرۇش ئورگانلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللاپ قۇۋۋەتلىشى ۋە ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، ئىدىيىنى ئازات قىلىپ،تىرىشىپ ئىلگىرلەپ، شىنجاڭدىكى ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلار،بۇلۇمپۇ پەن-تېخنىكا كارخانىلىرى ئۈچۈن ھەقىقى تۈردە مۇلازىمەت قىلىپ ،ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش،پەن-تېخنىكا ۋاستىچىلىكى،پەن-تېخنىكا تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈش،تېخنىكا ئومۇملاشتۇرۇش،مۇستەققىل يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ،بەلگىلىك جەمىيەت ۋە ئىقتىسادى ئۈنۇم ياراتتى. |
